Posts

Showing posts from 2016

بىز ھەرقانداق كىسەل بولساق چوقۇم داۋالىتىشىمىز كىرەكمۇ؟

بىز ھەرقانداق كىسەل بولساق چوقۇم داۋالىتىشىمىز كىرەكمۇ؟ http://bbs.bagdax.cn/thread-46209-1-1.html مەمەت ئىمىن يىقىندا مەن"بىز ئىچىۋاتقان نۇرغۇنلىغان دورىلار ھاجەتسىز، نۇرغۇنلىغان داۋالاش كىرەكسىز" دىگەن تىمىدا بىر ماقالا كۆرۈپ، بۇ جەھەتتە ئازراق بىر نەرسە يىزىپ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغۇرا تاپتىم. بىز ھەرقانداق كىسەل بولساق چوقۇم داۋالىتىشىمىز كىرەكمۇ؟ نۇرغۇن دوستلار بۇ تىمىنى كۆرۈپ بەلكىم "كىسەل بولساق داۋالاتماي نىمە قىلاتتۇق" دەپ ھەيران قىلىشى مۈمكىن. كىسەل بولساق ئەلۋەتتە دوختۇرغا كۆرۈنىمىز، دورا ئىچىمىز، زۆرۈر بولسا ئوپىراتسىيە قىلدۇرىمىز، ھەر خىل تەببىرلەرنى قوللۇنۇپ داۋالىتىمىز. مەسىلە بىز گىرىپتار بولغان ھەرقانداق كىسەلگە نىسبەتەن ئىلىپ بىرىلغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ، بىرىلگەن دورىلارنىڭ، ئىلىپ بىرىلغان داۋالاشلارنىڭ ھەممىسى زورۇرمۇ؟ بۇلارنى قوللانمىغاندا ھىچقانداق بىر كىسەل ياىشى بولماسمۇ؟ جاۋاپ ئەلۋەتتە "ئۇنداق ئەمەس".  مەسىلەن بىز زۇكام بولغاندا ھىچقانداق دورا ئىچمەي ساقىيالايمىز، بىراق بىز زۇكام بولۇپ دوختۇرغا بارساق، دوختۇر ھە

قايسى دۆۋلەت ئەڭ سەمىمى؟

قايسى دۆۋلەتتىكى كىشىلەر ئەڭ سەمىمى؟ مەمەت ئىمىن http://bbs.bagdax.cn/thread-47267-1-1.html 2015 - يىلى 10- ئاينىڭ 29 - كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ بىر ئۇنىۋىرسىتىدىكى دەيۋىد خاگ جوناس ئىسىملىك بىر ئختىشاتشۇناس ى تور ئارقىلىق ئەنگىلىيە، پورتىگالىيە، شىۋىتسارىيە، دانىيە، روسسىيە، گىرىتسىيە، بىرازىلىيە، ئارگىتىنا،  ئامىركا، جەنۇبى ئافرىقا، تۈركىيە، جۇڭگو، ھىندىستان، ياپونىيە، جەنۇبى كورىيە  قاتارلىق  15 دۆۋلەتتىكى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرگە قارىتا تەجىربە ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق، بۇ دۆۋلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ سەمىمىيەتلىكى توغۇرسىدا بىر ئىلمى ماقالا  ئىلان قىلغان. ماقىلىدا ئاپتور بۇ دۆۋلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ سەمىيەتلىكىنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ دىننى ئىتىقاد ۋە ئىختىزات بىلەن بولغان باغلىنىشى توغۇرسىدا ئانالىز ئىلىپ بارغان. ئاپتور ئالدى بىلەن بۇ تەجىربىگە  قاتناشقۇچىلارغا  ھەق بىرىش شەرتى بىلەن   تور ئارقىلىق يۇقارقى دۆۋلەتلەردىن 1539 پىدايىلار تاپقان. ئۇندىن كىيىن تۆۋەندىكى ئىككى باسقۇچلۇق تەجىربە ئىلىپ بارغان. بىرىنجى باسقۇچتا بارلىق  قاتناشقۇچىلار