Tuz we much

Bizning tuz we muchqa tutqan pozitsiyelirimizdin oylighanlirim

Tuz bizning kunduluk turmushimizda kem bolsa bolmaydighan muhim nerse. Tamaqning temlik bolushida tuzning tohpisining nahayti chong ikenligini hemmimiz bilimiz, biraq tamaqning tuzi del jahida bolup, tamaq nahayti temlik bolghanda, biz tuzning tohpisini esla xiyalimizghimu kelturmeymiz, peqet tamaqning tuzi artuq we yaki kem bolup, tamaq oxshimighanda andin tuz isimizgha kilidu, we tamaqning temsiz bolushini tuzdin korimiz. Eksinche qizil much (laza) tamiqimizni zeherdek achchiq qilip, kozlirimizdin yash aqquziwetsimu, biz uningdin tamaqning temini buziwitiptu dep aghrinmaymiz. Sewebi biz u much (laza) ni achiq dep bilginimiz uchun.

Ijtimayi jemiyetimizdimu tuzgha oxshash jemiyetning ronaq tipishigha un-tunsiz tohpe qoshiwatqan nurghun insanlar bar bolup, adette biz ularning hayat waxtida qedri qimmitini bilmeymiz, hetta ularning mewjutliqini xiyalimizghimu kelturmeymiz, biraq ular bu dunyadin mengguluk widalashqanda andin ularning yoqliqi bilinidu, andin ularning qedirige yitimiz; yaki bolmisa ular az tola sewenlik otkuzup qoysa we xataliq sadir qilsa, biz ularni alahide kuchep eyiplep kitimiz. Eksinche ich-ichi zeherxendilik bilen tolghan, qilmishi insan qilipidin chiqqan, heq nahaqqini we halal haramni ayrimaydighan bezi kishiler herqandaq yaman ish qilsimu, we yaki bezilerning qilghinining heddidin ashqan adaletsizlik ikenligini bilip tursaqmu, biz ularni kormeske silip, ularning shu qilmishlirini hich eyiplimeymiz.  Bu bizning ularni ezeldin shundaq eski dep bilginimiz sewebidinmu we yaki ularning shumluq qilishidin qorqup “mini chaqmighan yilan ming yil yashisun” dep qarighanliqimizdinmu? Yene we yaki bizning tuzning azraq kem yaki artuq bolushidin aghrinip, zeherdek achiq muchtin hozurlinishqa adetlengen pisxikimizdinmu?

بىزنىڭ تۇز ۋە مۇچقا تۇتقان پوزىتسىيەلىرىمىزدىن ئويلىغانلىرىم

تۇز بىزنىڭ كۇندۇلۇك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم نەرسە. تاماقنىڭ تەملىك بولۇشىدا تۇزنىڭ توھپىسىنىڭ ناھايتى چوڭ ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بىراق تاماقنىڭ تۇزى دەل جاھىدا بولۇپ، تاماق ناھايتى تەملىك بولغاندا، بىز تۇزنىڭ توھپىسىنى ئەسلا خىيالىمىزغىمۇ كەلتۇرمەيمىز، پەقەت تاماقنىڭ تۇزى ئارتۇق ۋە ياكى كەم بولۇپ، تاماق ئوخشىمىغاندا ئاندىن تۇز ئىسىمىزغا كىلىدۇ، ۋە تاماقنىڭ تەمسىز بولۇشىنى تۇزدىن كورىمىز. ئەكسىنچە قىزىل مۇچ (لازا) تامىقىمىزنى زەھەردەك ئاچچىق قىلىپ، كوزلىرىمىزدىن ياش ئاققۇزىۋەتسىمۇ، بىز ئۇنىڭدىن تاماقنىڭ تەمىنى بۇزىۋىتىپتۇ دەپ ئاغرىنمايمىز. سەۋەبى بىز ئۇ مۇچ (لازا) نى ئاچىق دەپ بىلگىنىمىز ئۇچۇن

ئىجتىمايى جەمىيەتىمىزدىمۇ تۇزغا ئوخشاش جەمىيەتنىڭ روناق تىپىشىغا ئۇن-تۇنسىز توھپە قوشىۋاتقان نۇرغۇن ئىنسانلار بار بولۇپ، ئادەتتە بىز ئۇلارنىڭ ھايات ۋاختىدا قەدرى قىممىتىنى بىلمەيمىز، ھەتتا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۇرمەيمىز، بىراق ئۇلار بۇ دۇنيادىن مەڭگۇلۇك ۋىدالاشقاندا ئاندىن ئۇلارنىڭ يوقلىقى بىلىنىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قەدىرىگە يىتىمىز؛ ياكى بولمىسا ئۇلار ئاز تولا سەۋەنلىك ئوتكۇزۇپ قويسا ۋە خاتالىق سادىر قىلسا، بىز ئۇلارنى ئالاھىدە كۇچەپ ئەيىپلەپ كىتىمىز. ئەكسىنچە ئىچ-ئىچى زەھەرخەندىلىك بىلەن تولغان، قىلمىشى ئىنسان قىلىپىدىن چىققان، ھەق ناھاققىنى ۋە ھالال ھارامنى ئايرىمايدىغان بەزى كىشىلەر ھەرقانداق يامان ئىش قىلسىمۇ، ۋە ياكى بەزىلەرنىڭ قىلغىنىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، بىز ئۇلارنى كورمەسكە سىلىپ، ئۇلارنىڭ شۇ قىلمىشلىرىنى ھىچ ئەيىپلىمەيمىز.  بۇ بىزنىڭ ئۇلارنى ئەزەلدىن شۇنداق ئەسكى دەپ بىلگىنىمىز سەۋەبىدىنمۇ ۋە ياكى ئۇلارنىڭ شۇملۇق قىلىشىدىن قورقۇپ "مىنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن" دەپ قارىغانلىقىمىزدىنمۇ؟ يەنە ۋە ياكى بىزنىڭ تۇزنىڭ ئازراق كەم ياكى ئارتۇق بولۇشىدىن ئاغرىنىپ، زەھەردەك ئاچىق مۇچتىن ھوزۇرلىنىشقا ئادەتلەڭەن پىسخىكىمىزدىنمۇ؟

Comments

Popular posts from this blog

Qoy chochqa

ئامىركىدا قانۇن قانداق ماقۇللىنىدۇ؟

Axbarat toghursida