Posts

Showing posts from November, 2017

ئايال ھامىلە مەزگىلىدە يەنە ھامىلە بولامدۇ؟

ئايال ھامىلە مەزگىلىدە يەنە ھامىلە بولامدۇ؟ مەمەت ئىمىن  نورمالدا ئايال ھامىلە بولغان مەزگىلدە قايتىدىن ھامىلە بولۇش ئىھتىماللىقى بولمايدۇ . چۈنكى ئايال ھامىلە بولغاندىن كىيىن، بالا ياتقۇ تىمىدا چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولدۇ . تۇخۇم ئاجىرتىپ چىقىرىش توختايدۇ، تۇخۇم بولـمىغاندىن كىيىن ھامىلىمۇ بولـمايدۇ، ھەم ھىيىزمۇ توختايدۇ . بىراق رەڭگا رەڭ دۇنيادا، ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بار . ھازىرغا قەدەر پۈتۈن دۇنيادا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەمىلى مىسالدىن بىر نەچچىسى دوكىلات قىلىنغان ئىكەن . بىر قىسىم تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەردە، ئۆزى بالا تۇغالمايدىغان ۋە ياكى بالا تۇغۇشنى خالىمايدىغان ئاياللار، ئۆزىنىڭ تۇخىمى بىلەن ھەمرايىنىڭ ئۇرۇقىنى ۋە ياكى مەلۇم ئۇرۇق ئىيانە قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇقىنى   سۈنى ئۇرۇقلاندۇرۇپ، تۆرەلمە پەيدا بولغاندىن كىيىن ئۇنى ئىجارىگە ئالغان باشقا ساغلام ئايالنىڭ بالا ياتقۇسىغا سىلىش ئارقىلىق، ئۆز پۇشتىدىن تۆرەلگەن بالىغا ئىرىشمەكتە . ئۇلار بالا ياتقۇسىنى ئىجارىگە