ئايال ھامىلە مەزگىلىدە يەنە ھامىلە بولامدۇ؟

ئايال ھامىلە مەزگىلىدە يەنە ھامىلە بولامدۇ؟

مەمەت ئىمىن 

نورمالدا ئايال ھامىلە بولغان مەزگىلدە قايتىدىن ھامىلە بولۇش ئىھتىماللىقى بولمايدۇ. چۈنكى ئايال ھامىلە بولغاندىن كىيىن، بالا ياتقۇ تىمىدا چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولدۇ. تۇخۇم ئاجىرتىپ چىقىرىش توختايدۇ، تۇخۇم بولـمىغاندىن كىيىن ھامىلىمۇ بولـمايدۇ، ھەم ھىيىزمۇ توختايدۇ. بىراق رەڭگا رەڭ دۇنيادا، ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بار. ھازىرغا قەدەر پۈتۈن دۇنيادا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەمىلى مىسالدىن بىر نەچچىسى دوكىلات قىلىنغان ئىكەن.

بىر قىسىم تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەردە، ئۆزى بالا تۇغالمايدىغان ۋە ياكى بالا تۇغۇشنى خالىمايدىغان ئاياللار، ئۆزىنىڭ تۇخىمى بىلەن ھەمرايىنىڭ ئۇرۇقىنى ۋە ياكى مەلۇم ئۇرۇق ئىيانە قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇقىنى  سۈنى ئۇرۇقلاندۇرۇپ، تۆرەلمە پەيدا بولغاندىن كىيىن ئۇنى ئىجارىگە ئالغان باشقا ساغلام ئايالنىڭ بالا ياتقۇسىغا سىلىش ئارقىلىق، ئۆز پۇشتىدىن تۆرەلگەن بالىغا ئىرىشمەكتە. ئۇلار بالا ياتقۇسىنى ئىجارىگە بەرگەن ئايالغا، ئۇنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى كۆتەرگەندىن باشقا تەخمىنەن 20 مىڭدىن 30 مىڭ دوللار پۇل بىرىدۇ. بۇ خىل تىجارەت تۈسىنى ئالغان باشقىلار ئۈچۈن بالا تۇغۇپ بىرىش ئامىركىنىڭ بەزى شىتاتلىرىدا قانۇنلۇق.

يىقىندا ئامىركىنىڭ كالىفورنىيا شىتاتىدا ناھايتى قىززىقارلىق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. بىر ئايال ئۆزىنىڭ  بالا ياتقۇسىنى بىر خىتتاي ئەر ئايالغا ئىجارىگە بىرىپ، ئۇلارنىڭ سۇننى ئۇرۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق پەيدا بولغان بالىسىنى بالا ياتقۇسىغا سىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇپ بىرىشكە كىلىشىپتۇ. ئۇنىڭلىق ئۈچۈن خىتتاي ئەر ئايال بۇ ئامىركىلىق ئايالغا 30 مىڭ دوللار پۇل بىرىپتۇ. سۈننىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق پەيدا بولغان بالا ئۇ ئايالنىڭ بالا ياتقۇسىغا سىلىنغاندىن كىيىن، ئۇ ئايال ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ بالىسىغا ھامىلە بولۇپ قاپتۇ. كىيىن تەكشۈرۈشتە بالا ياتقۇغا سالغان بالا، ئىككىسچچچ  بالا بولۇپ چىقىپتۇ. بالا تۇغۇپ بەرگۈچى ئايال خىتتاي ئەر ئايالغا بالىنىڭ قوش كىزەك ئىلەنلىگىنى، يەنە 5000 دوللار قوشۇپ بىرىش كىرەك ئىكەنلىگىنى تەلەپ قىپتۇ، ۋە ئۇ پۇلنى ئاپتۇ. بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن قارىسا ئىككى بالا  ئوخشاش ئاتا ئانىدىن بولغان بالىغا ئوخشىمغان، قوش كىزەككە تىخىمۇ ئوخشىمىغان. شۇنىڭ بىلەن بالا تۇققىچى بىر بالىنى ئۆزىنىڭ بالىسى دەپ، خىتتاي ئەر ئايالغا بىرىشنى رەت قىلغان ئىكەن، خىتتاي ئەر ئايال ئۇنىڭلىق ئۈچۈن 22 مىڭ دوللار تەلەپ قىپتۇ ، نەتىجىدا ئۇلار داۋاغا چۈشۈپتۈ، ئاخىردا بالا تۇغۇپ بەرگۈچى ئايال ئادۇكاتقا 3000 دوللار پۇل خەجلەپ، DNA  تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئۇ بالىنىڭ بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ پۇشتىدىن بولغان بالا ئىكەنلىگى ئىسپاتلاپتۇ، ۋە ئۆز بالىسىغا قايتىدىن ئىگە چىقىپتۇ.

Comments

Popular posts from this blog

Amirkida qanun qandaq maqullinidu?

Axbarat toghursida