ئامىركىدا قانۇن قانداق ماقۇللىنىدۇ؟
ئامىركىدا قانۇن قانداق ماقۇللىنىدۇ؟ مەمەت ئىمىن قانۇن ئىدىيە بىلەن باشلىنىدۇ. ئالدى بىلەن پارلامەنت ئەزاسىدىن بىرى ماقۇللاتماقچى بولغان قانۇن لاھىيەسى (bill) گە كىپىللىك بىرىشى كىرەك. ئاندىن ماقۇللاتماقچى بولغان قانۇن لاھىيەسى ئاۋام پالاتاسىيەسىدىكى كومىتىتنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ، ئەگەر مۇزاكىرە قىلىنغان قانۇن لاھىيەسى كومىتىت تەرىپىدىن ئاۋاز بىرىشكە ئۆتسە، ئاۋاز بەرىشنىڭ كۈن تەرتىپىگە قويۇلىدۇ، ۋە ئاۋام پالاتاسىيەسىدە مۇنازىرە قىلىشقا، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە بىرىلىدۇ. ئەگەر قانۇن لاھىيەسى ئاۋام پالاتاسىيەسىدىكى 435 ئاۋازنىڭ 218 گە ئىرىشسە، قانۇن لاھىيەسى كىڭەش پالاتاسىيەسىگە بارىدۇ. قانۇن لاھىيەسى كىڭەش پالاتاسىيەسىگە بارغاندىن كىيىن، كىڭەش پالاتاسىيەدىكى كومىتىتنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ، ئەگەر مۇزاكىرە قىلىنغان قانۇن لاھىيەسى كىڭەش پالاتاسىيەسىدىكى كومىتىت تەرىپىدىن ئاۋاز بىرىشكە ئۆتسە، كىڭەش پالاتاسىيەسى تەرىپىدىن ئاۋاز بەرىش ۋە مۇنازىرە قىلىشقا بىرىلىدۇ. ئەگەر قانۇن لاھىيەسى كىڭەش پالاتاسىيەسىدىكى 100 ئاۋازنىڭ 51 تەرىپىدىن تەستىقلانسا، ئەڭ ئاخىردا ئاۋ