ئامىركىدا قانۇن قانداق ماقۇللىنىدۇ؟


ئامىركىدا قانۇن قانداق ماقۇللىنىدۇ؟

مەمەت ئىمىن


قانۇن ئىدىيە بىلەن باشلىنىدۇ. ئالدى بىلەن پارلامەنت ئەزاسىدىن بىرى ماقۇللاتماقچى بولغان قانۇن لاھىيەسى (bill) گە كىپىللىك بىرىشى كىرەك. ئاندىن ماقۇللاتماقچى بولغان قانۇن لاھىيەسى ئاۋام پالاتاسىيەسىدىكى كومىتىتنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ، ئەگەر مۇزاكىرە قىلىنغان قانۇن لاھىيەسى كومىتىت تەرىپىدىن ئاۋاز بىرىشكە ئۆتسە، ئاۋاز بەرىشنىڭ كۈن تەرتىپىگە قويۇلىدۇ، ۋە ئاۋام پالاتاسىيەسىدە مۇنازىرە قىلىشقا، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە بىرىلىدۇ. ئەگەر قانۇن لاھىيەسى ئاۋام پالاتاسىيەسىدىكى 435 ئاۋازنىڭ 218 گە ئىرىشسە، قانۇن لاھىيەسى كىڭەش پالاتاسىيەسىگە بارىدۇ.

قانۇن لاھىيەسى كىڭەش پالاتاسىيەسىگە بارغاندىن كىيىن، كىڭەش پالاتاسىيەدىكى كومىتىتنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ، ئەگەر مۇزاكىرە قىلىنغان قانۇن لاھىيەسى كىڭەش پالاتاسىيەسىدىكى كومىتىت تەرىپىدىن ئاۋاز بىرىشكە ئۆتسە، كىڭەش پالاتاسىيەسى تەرىپىدىن ئاۋاز بەرىش ۋە مۇنازىرە قىلىشقا بىرىلىدۇ. ئەگەر قانۇن لاھىيەسى كىڭەش پالاتاسىيەسىدىكى 100 ئاۋازنىڭ 51 تەرىپىدىن تەستىقلانسا، ئەڭ ئاخىردا  ئاۋام پالاتاسىيە ۋە كىڭەش پالاتاسىيە ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان قۇرۇلتاي كومىتىتى بۇ ئىككى پارلامەنت تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان قانۇن لاھىيەسىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ سەلىشتۇرىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بىرلىككە كەلگەن قانۇن لاھىيەسىنى قايتىدىن ئاۋام پالاتاسىيە ۋە كىڭەش پالاتاسىيەسىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئايرىم ئايرىم مۇزاكىرە قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى قانۇن لاھىيەسىنى تەستىقلىغاندىن كىيىن، ئەڭ ئاخىرقى تەستقىلانغان بىرلىككە كەلگەن قانۇن لاھىيە نۇسقىسى بىسىپ چىقىرلىپ پىرەزىدەنتنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىلىدۇ.

پىرەزىدەنتنىڭ ئۇ قانۇن لاھىيەسىنى تەستىقلاش ۋە ياكى رەت قىلىشى ئۈچۈن 10 كۈن ۋاقىت بار بولۇپ، ئەگەر ئۇ 10 كۈن ئىچىدە تەستىقلاپ قول قويسا قانۇن بولۇپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بولمىسا رەت قىلىنىپ پارلامەنت ئەزالىرىغا قايتۇرۋىتىلىدۇ.

نۇرى تۈركەلنىڭ ئامىركا قانۇنۇنىنىڭ چىقىرىش جەريانى توغۇرسىدىكى لىكسىيەسى
https://www.facebook.com/100010182557712/videos/664254987257247/?id=100010182557712

Comments

Popular posts from this blog

ئايال ھامىلە مەزگىلىدە يەنە ھامىلە بولامدۇ؟

Amirkida qanun qandaq maqullinidu?

Axbarat toghursida