Qara kolenggu

‏‏بىلىپ قىلىڭ: كومپىيوتۇر تاجاۋۇزچىلىرى (hacker)، قارا كۆلەڭگۈ (blackshades) دەپ ئاتالالغان بىر خىل يۇمشاق دىتال بىلەن كومپىيوتۇرىڭىزغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، كومپىيوتۇرىڭىز ئىچىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى ئوغۇرلىيالىشى، ھەتتا كومپىيوتۇرىڭىزدىكى رەسسىم ئاپىراتىنى قوزغاپ ئىچىپ، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە نىمە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرەلىشى مۈمكىن. ئۇلار ئالدى بىلەن سىزگە بىرەر ئادەمنىڭ نامىدا بىر ئەل خەت ئەۋەتىش ئارقىلىق قارا كۆلەڭگۈ (blackshades)  دەپ ئاتالغان يۇمشاق دىدالنى كومپىيوتۇرىڭىزغا قاچىلايدىكەن، ئاندىن بۇ يۇمشاق دىتال بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە تۇرۇپ كومپىيوتۇرىڭىزدا مەشغۇلات ئىلىپ بارالايدىكەن. ھەتتا كومپىيوتۇر تاقاقلىق ھالەتتىمۇ يەنى تورغا ئۇلاشلىق ۋە توكقا چىتىقلىقلا بولسا بۇ خىلدىكى مەشغۇلاتنى ئلىپ بىرىش مۈمكىن ئىكەن. شۇڭا مۇتىخەسىسلەر تۆۋەندىكىلەرنى تەۋىسىيە قىلىدۇ: (1) قالايمىقان ناتونۇش كىشىلەردىن كەلگەن ئەل خەتنى ھەرگۈز ئاچماڭ (2) كومپىيوتۇرىڭىزغا مۈرەككەپرەك مەخپى نومۇر ئىشلىتىڭ (3) كومپىيوتۇرىڭىزنى ياتقۇزۇپ قويۇڭ ياكى رەسسىم ئاپىراتىنى توسۇپ قويۇڭ.

Comments

Popular posts from this blog

ئايال ھامىلە مەزگىلىدە يەنە ھامىلە بولامدۇ؟

Amirkida qanun qandaq maqullinidu?

Axbarat toghursida