Uyghur Akademiyesining 5-qitimliq yighini

Uyghur Akademiyesining 5- qitimliq yighini toghursida ikki ighiz parang.

Memet Emin

Hemmimizge melum bolghunidek 10-ayning 5- we 6-kuni Uyghur Akademiyesining 5- qitimliq yighini Istanbulda otkuzuldi. Men aldi bilen bu yighinning muhapiqiyetlik ichilishi uchun kuch chiqarghan barliq dostlargha, bolupmu Uyghur Akademiyesining heyyet ezalirigha chin konglumdin teshekkur eytimen. Bu qitimqi yighin yighinda birilgen dokilatlarning suputining yuqurliqi we kozge korun'gen ziyali, alimlirimizning qatnishishi bilen aldinqi 4 qitimliq yighindin alahide periqliq bolup, buni Uyghur Akademiyesining xizmetlirining uzluksiz tereqqi qiliwatqanliqidin we Uyghur Akademiye ezalirining izchil tirishchanlighidin ayrip qarighili bolmaydu. Shuni alahide tilgha ilip otushke erziduki Dr. Erkin Sidikning alahide tirishchanliq korsutup dewet qilishi bilen Dr. Shohret Mutellipning qimmetlik waxtini chiqirip bu yighin'gha qatnishishi we hazir ghol hujeyre tetqiqatida eng ilghar bolghan netijilirini yighin ehlige teqdim qilishi, yighin qatnashquchilirigha we barliq ilim soyer yashlirimizgha alahide ilham boldi. Hem shundaqla Dr. Erkin Sidikning izchil dewet qilishi bilen Dr. Shohret Mutellip Uyghur Akademiyesining pexir reyislik wezipisini oz ustige ilip, Uyghur Akademiyesining kelguzi tereqqiyati uchun bir kishilik kuch chiqirdighanliqini bildurdi. Dr. Rishat Abbasmu yighinning muhapiqiyetlik ichilishini izchil qollap qalmastin, belki Uyghur Akademiyesining kelgusi tereqqiyati uchun alahide tirishchanliq korsutup, qimmetlik tekliplerni berdi, we yighindin kiyin Turkiyede munasiwetlik orunlar bilen korushup Uyghur Akademiyesining kelgusi tereqqiyati uchun bezi asaslarni silishqa kuch chiqardi. Ishinimenki hemmeylenning ortaq tirishchanlighi bolidiken, Uyghur Akademiyesi oz yolida saghlam tereqqi qilip, eng axirda barliq Uyghur akademiklirige wekillik qilidighan ismi jismigha layiq xelq'aradiki bashqa akademik jemiyetlerge oxshash bir teshkilatqa aylinishi tamamen mumkin.


Elwette buningliq uchun nurghun qiyinchiliqlarni yingip, egri toqay yollarni bashtin otkuzushke toghura kilidu. Buningliq uchun Uyghur Akademiyesi yalghuz ziyalilarning we yaki yighinda soz qilghuchilarning qollishigha iriship qalmastin belki barliq ilim soyer keng xelq ammisining qollishigha irishishi kirek. Eng muhimi teshwiqatni kucheytip, oz ara chushenche hasil qilish, bir birimizning qilghan ishini inkar qilmay, oz ara qollap, hemmimiz oz artuqchilighimizni eng yuquri derijide jare qildurup, oz ara toluqlima bolishimiz, oxshimighan pikirlerge hormet qilip, bashqilardin sen nime qilding diyishning ornigha, men nime qildim dep sorap, hemme ishni ozimizdin bashlighinimizda, andin bizning ishlirimiz heqiqi turde ronaq tapidu.

ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسىنىڭ 5- قىتىملىق يىغىنى توغۇرسىدا ئىككى ئىغىز پاراڭ.

مەمەت ئىمىن

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغۇنىدەك 10-ئاينىڭ 5- ۋە 6-كۇنى ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسىنىڭ 5- قىتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئوتكۇزۇلدى. مەن ئالدى بىلەن بۇ يىغىننىڭ مۇھاپىقىيەتلىك ئىچىلىشى ئۇچۇن كۇچ چىقارغان بارلىق دوستلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسىنىڭ ھەييەت ئەزالىرىغا چىن كوڭلۇمدىن تەشەككۇر ئەيتىمەن. بۇ قىتىمقى يىغىن يىغىندا بىرىلگەن دوكىلاتلارنىڭ سۇپۇتىنىڭ يۇقۇرلىقى ۋە كوزگە كورۇنگەن زىيالى، ئالىملىرىمىزنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئالدىنقى 4 قىتىملىق يىغىندىن ئالاھىدە پەرىقلىق بولۇپ، بۇنى ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئۇزلۇكسىز تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىدىن ۋە ئۇيغۇر ئاكادەمىيە ئەزالىرىنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىغىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئىلىپ ئوتۇشكە ئەرزىدۇكى در. ئەركىن سىدىكنىڭ ئالاھىدە تىرىشچانلىق كورسۇتۇپ دەۋەت قىلىشى بىلەن در. شوھرەت مۇتەللىپنىڭ قىممەتلىك ۋاختىنى چىقىرىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشى ۋە ھازىر غول ھۇجەيرە تەتقىقاتىدا ئەڭ ئىلغار بولغان نەتىجىلىرىنى يىغىن ئەھلىگە تەقدىم قىلىشى، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ۋە بارلىق ئىلىم سويەر ياشلىرىمىزغا ئالاھىدە ئىلھام بولدى. ھەم شۇنداقلا در. ئەركىن سىدىكنىڭ ئىزچىل دەۋەت قىلىشى بىلەن در. شوھرەت مۇتەللىپ ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسىنىڭ پەخىر رەيىسلىك ۋەزىپىسىنى ئوز ئۇستىگە ئىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسىنىڭ كەلگۇزى تەرەققىياتى ئۇچۇن بىر كىشىلىك كۇچ چىقىردىغانلىقىنى بىلدۇردى. در. رىشات ئابباسمۇ يىغىننىڭ مۇھاپىقىيەتلىك ئىچىلىشىنى ئىزچىل قوللاپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسىنىڭ كەلگۇسى تەرەققىياتى ئۇچۇن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كورسۇتۇپ، قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى، ۋە يىغىندىن كىيىن تۇركىيەدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كورۇشۇپ ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسىنىڭ كەلگۇسى تەرەققىياتى ئۇچۇن بەزى ئاساسلارنى سىلىشقا كۇچ چىقاردى. ئىشىنىمەنكى ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىغى بولىدىكەن، ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسى ئوز يولىدا ساغلام تەرەققى قىلىپ، ئەڭ ئاخىردا بارلىق ئۇيغۇر ئاكادەمىكلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىسمى جىسمىغا لايىق خەلقئارادىكى باشقا ئاكادەمىك جەمىيەتلەرگە ئوخشاش بىر تەشكىلاتقا ئايلىنىشى تامامەن مۇمكىن.


ئەلۋەتتە بۇنىڭلىق ئۇچۇن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ، ئەگرى توقاي يوللارنى باشتىن ئوتكۇزۇشكە توغۇرا كىلىدۇ. بۇنىڭلىق ئۇچۇن ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسى يالغۇز زىيالىلارنىڭ ۋە ياكى يىغىندا سوز قىلغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ قالماستىن بەلكى بارلىق ئىلىم سويەر كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىشى كىرەك. ئەڭ مۇھىمى تەشۋىقاتنى كۇچەيتىپ، ئوز ئارا چۇشەنچە ھاسىل قىلىش، بىر بىرىمىزنىڭ قىلغان ئىشىنى ئىنكار قىلماي، ئوز ئارا قوللاپ، ھەممىمىز ئوز ئارتۇقچىلىغىمىزنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە جارە قىلدۇرۇپ، ئوز ئارا تولۇقلىما بولىشىمىز، ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ھورمەت قىلىپ، باشقىلاردىن سەن نىمە قىلدىڭ دىيىشنىڭ ئورنىغا، مەن نىمە قىلدىم دەپ سوراپ، ھەممە ئىشنى ئوزىمىزدىن باشلىغىنىمىزدا، ئاندىن بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ھەقىقى تۇردە روناق تاپىدۇ.

Comments

Popular posts from this blog

Qoy chochqa

ئامىركىدا قانۇن قانداق ماقۇللىنىدۇ؟

Axbarat toghursida