چۈش توغۇرسىدا

چۈش توغۇرسىدا
مەمەت ئىمىن


چۈش، ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئىزدىنىش ئىلىپ بارغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ چۈش توغۇرسىدىكى ئىزدىنىشنىڭ  5000  يىللىدىن ئۇزۇن تارىخى بار. ئوخشىمىغان دىندىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ چۈشكە نىسبەتەن ئوخشىمىغان چۈشەنچە ۋە ئوخشىمىغان تەرىپلىرى بار. تارىختا چۈش توغۇرسىدا دىننىي، پەلسەپە ۋە روھى دۇنيا نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ئىزدىنىشلەر ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ،  ئۇ ئىزدىنىش ئىلىپ بارغانلار ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغانلىرى   سىگموند فىروھىد، ۆە كارىل جۇن قاتارلىق كىشىلەردۇر.
Carl Jun  ،Sigmund Freud
چۈشنى تەتقىق قىلىدىغان ھازىرقى زامان ئىلىمىنى ئىنگىلىزچىدە "Oneirology" دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، مەن تۆۋەندە پەقەتلا ھازىرقى زامان غەرىپ تىبابىتىدىن چىقىش قىلىپ، چۈش توغۇرسىدا ئازراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتمەكچىمەن.

چۈش كۆرۈش بىز ئۇخلاۋاتقاندىكى مىڭە پالىيىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا شەكىللىنگەن سۈرئەت، ئاۋاز، ئىدىيە، تەپەككۇر، سىزىملەرنىڭ توپلىمىسىدۇر. ئۇ ئىختىيارىسىز بولىدۇ، شۇڭا چۈش كۆرۈش چۈش كۆرمەسلىك، نىمە مەزمۇندا قانداق ۋە قاچان چۈش كۆرۈش ئىنساننىڭ كونتۇرۇل قىلىشىدا بولمايدۇ.
ئادەم ئۇخلىغاندا مىڭە كۈندۈزلىكى بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر خىل خىزمەت ھالىغا 
كىرىدۇ. يەنى مىڭە كۈندۈزلىكى ئىگە بولغان ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ پايدىلىقنى رەتلەپ، زىيانلىقىنى تازلاپ چىقىرۋىتىشقا تىرىشىدۇ. يەنى بىز ئۇخلىساقمۇ مىڭە ھەركىتىنى توختاتمايدۇ، ئۇ پەقەتلا يىڭىدىن ئۇچۇر ئىگەلشىنى توختىدۇ، بىراق ئىگە بولغان ئۇچۇرلارنى رەتلەپ چىقىشنى، بەدەنگە زىيانلىق نەرسىلەرنى تازلاپ، بەدەننىڭ  ئمىيۇنۇت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش  قاتارلىق باشقاخىزمەتلىرىنى توختاتمايدۇ.

بىزنىڭ روھى كەيپىياتىمىزغا ئىغىر تەسىر قىلىدىغان بەزى ئىشلار يۈ بەرگەندە ۋە ياكى قايغۇ ھەسىرەت ۋە بەزى بىر كۆڭەلسىزلىكلەرگە دۇچ كەلەەندە، ئوبدان بىر ئۇخلىۋالساق، ئەتىسى ئۆزىمىزنى خىلى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلىمىز، ھەمدە روھى جەھەتتىكى كۆڭەلسىزلىكەرمۇ ئاز تولا يەڭگىللەيدۇ. بۇ دەل شۇ بىز ئۇخلىغاندا مىڭىزمىز قىلغان خىزمەتنىڭ يەنى مىڭىمىز بىز ئۇخلاۋاتقان مەزگىلدە كاللىمىزغا كىرىۋالغان سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تازلاپ چىقىرىپ تاشلىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.



ئۇخلاۋاتقاندىكى مىڭە ھەركىتى (ئوڭ تەرەپتىكىسى) ۋە ئويغاق ھالاەتتىكى مىڭە ھەركىتى (سول تەرەپتىكىسى)

http://allisoncramer.com/index.php/sample-page/
نورمالدا قاباھەتلىك چۈشتىن باشقا بارلىق چۈشلەرنىڭ ھەممىسى نورمال بولۇپ، ئۇ ھىچقانداق بىر كىسەللىك بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.  قاباھەتلىك چۈش كۆپۈنچە ھالدا كىچىك بالىلاردا، قىسمەن ئەھۋالدا بەزى چۇڭ ئادەملەردە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئۇ مەلۇم روھى ۋە جىسمانى كىسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنى ئۇ ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا روھى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەن بەزى قاباھەتلىك ئىشلار بىلەن، قىززىتمىسى يۇقۇرلاپ قىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان  بەزى ئىغىر كىسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
چۈش كۆرۈشكە، تارىختىن بىرى ئىنسانلار پەلسەپە ۋە دىنى ئىتىقات بويىچە چۈشەنچە بىرىشقا تىرىشىپ كەلگەن. چۈشكە بىرىلگەن ئۇ تەرىپ ۋە چۈشەنچىلەر كۆپۈنچە ھالدا ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بەزى چۈشلەرگە ياخشى چۈشەنچە بىرىش ئارقىلىق  روھى جەھەتتە كىشىلەردە   بەزى قانائەت ۋە خۇشاللى پەيدا قىلغان، ھەتتا بەزى كىشىلەردە كەلگۈسىگە نىسبەتەن مەلۇم ئۈمۈت ۋە ئشەنچە ھاسىل قىلغان. چۈشكە بىرىلگەن ياخشى تەرىپنىڭ ئىنساللاردا پەيدا قىلغان ئۈمۈد ۋە ئىشەنچە سەۋەبىدىن، بەزى ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرى يەنى چۈشىدە كۆرگەنلىرى رىياللىققا ئايلانغان. بۇ ھەرگۈزمۇ چۈشنىڭ توغۇرا چىققانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئەمەس، بەلكى  چۈشكە بىرىلگەن تەرىپنىڭ ئۇ ئىنساندا پەيدا قىلغان ئاكىتىپ ئىنىرگىيە، ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۆز ئارزۇ ئىتەكلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى سەۋەبىدىن چۈشتە كۆرگەن ئارزۇ ئىستەكلىرى رىياللىققا ئايلانغان.
ئۇيقا ئۇخلاۋاتقاندىكى كۆزنىڭ ھەركەت قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقا، كۆز تىز ھەركەت قىلمايدىغان ئۇيقا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئاندىن  كۆز تىز ھەركەت قىلمايدىغان ئۇيغا يەڭگىل ئۇيقا (1-باسقۇچ ئۇيقا)، ئوتۇرال دەرىجىدىكى ئۇيقا (2-باسقۇچ ئۇيغا) ۋە ئىغىر ياكى قىنىق ئۇيقا (3-باسقۇچ ئۇيقا) دەپ 
ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.


بىز ئۇخلاشقا باشلىغاندىن كىيىن ئۇيقىمىز كۆزىمىز تىز 
ھەركەت قىلمايدىغان ئۇيقىنىڭ 1-باسقۇچدىن باشلىنىدۇ. 1-باسقۇچ ئۇيقا يەڭگىل ئۇيقا بولۇپ؛ كۆزنىڭ ھەركىتى ئاستا بولىدۇ؛ مۇسكۇل بوشايدۇ؛ يۈرەك، نەپەس رىتىمى ئاستىلايدۇ. ئۇندىن كىيىن 2-باسقۇچ ئۇيقا باشلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتا كۆزنىڭ ھەركىتى تامامەن توختايدۇ.  3-باسقۇچ ئۇيقا ئىغىر يەنى قىنىق ئۇيقا بولۇپ، بىز بۇ باسقۇچتىكى ئۇيقىغا كىرگەندىن كىيىن ئاسان ئويغانمايمىز، يۈرەك، نەپەس رىتىمىمىز تىخىمۇ ئاستىلايدۇ؛ مۇسكۇللار بوشايدۇ؛ ئەڭ ياخىشى ئارام ئالىمىز. كىچىك بالىلاردا كۆرىلىدىغان كۆپىگە سىيىپ قويۇش، ئۇخلاۋىتىپ يول ماڭىدىغان ئىشلار دەل مۇشۇ باسقۇچتا يۈز بىرىدۇ. ئۇندىن كىيىن ئۇيقىمىز كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقا باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇ باسقۇچتا كۆزىمىزنىڭ ھەركىتى تىز بولىدۇ؛ نەپەس، يۈرەكنىڭ سوقۇش رىتىمى ۋە قان بىسىم ئىگىز پەس بولىدۇ؛ پۇت قول مۇسكۇللىرى ۋاقىتلىق تامامەن پالەج ھالەتكە كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تولۇق بىر ئۇخلاش جەريانى تامالىنىدۇ، ۋە ئۇندىن كىيىن بۇ جەريانلار تەكرارلىندۇ؛  3-باسقۇچ ئۇيقا ئازلاپ، كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقا جەريانى بارا بارا ئۇزۇرايدۇ. كىيىنكى يىرىم كىچىدە بىز  3-باسقۇچ ئۇيقىغا كىرمەيمىز؛ تاڭ ئىتىش ئالدىدا ئۇيقىمىز ئاساسەن كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقا بولىدۇ.


ئىنسانلارنىڭ چۈش كۆرىشى كۆپۈنچە ئەھۋالدا كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقا  باسقۇچىدا يۈز بىرىدۇ؛ ئەلۋەتتە باشقا تۈردىكى ئۇيقا باسقۇچىدىمۇ چۈش كۆرىشىمىز مۈمكىن، بىراق ئۇ چۈشنىڭ ۋاختى قىسقا، مەزمۇنى قالايمىقان بولىدۇ، كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئوغۇنۇپلا ئۇنتۇپ قالىمىز. كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقا  باسقۇچىدا  كۆرگەن چۈشنى ۋاختى بىر ئاز ئۇزۇن بولىدۇ، مۇزمۇنىمۇ رەتلىك بولىدۇ. ئەگەر بىز مۇشۇ باسقۇچتىن بىراق ئويغانساق، ئۇ ھالدا چۈشىمىز كىنو كۆرگەندەك ئىنىق ئىسىمىزدە قالىدۇ. بۇ باسقۇچتا مۇسكۇللىرىمىز پالەج ھالەتتە بولغاچقا، بەزىدە بولۇپمۇ قورقۇنۇچلۇق چۇش كۆرگىنىمىزدە ھىچقانداق ھەركەت قىلالمىغاندەك، ۋە ياكى پۇت قولىمىز باغلاغلىقتەك ھىس قىلىمىز.
چۈشنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى، ئىسىمىزدە قىلىش قالماسلىقى، بىزنىڭ ئۇقىمىزنىڭ ھەر قايسى باسقۇچىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى، چۈشنىڭ كۆرۈشنىڭ  ئۇيقىنىڭ قايسى باسقۇچىدا يۈز بىرىشىگە، بىزنىڭ قايسى باسقۇچتا ئويغىنىشىمىزغا  باغلىق. نورمالدا بىز ئۇلارنى كۆنتۇرۇل قىلالمايمىز، بىراق ئۇيقا سۈپىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق روھى كەيپىياتىمىزنى ياخشىيالايمىز، ۋە روھىمىزنى كۆتۈرەڭگۈ قىلالايمىز.  

Comments

Popular posts from this blog

ئايال ھامىلە مەزگىلىدە يەنە ھامىلە بولامدۇ؟

Amirkida qanun qandaq maqullinidu?

Axbarat toghursida