Posts

Showing posts from December, 2017

DNA we DNA sanliq ambiri

Image
Memet Emin Yiqindin buyan dunyadiki bir qisim dangliq metbuatlarda Xittay hökümitining Uyghurlarning DNA uchurini toplawatqanliq xewerliri keyni keynidin birildi. Bu xewerler eng deslepte RFA Uyghur bö limi teripidin birilgen bolup, kiyin xelqara insan heq hoquqliri teshkilatining diqqitini qozghighan we bu heqte mexsus xewer yazghan. Yiqinda Beijingdiki bir qetimliq muxbirlarni kütiwilish yighinida bir muxbir bu toghursida soal sorighan, we tiximu k ö p kishilerning diqitini tartqan. http://www.newsweek.com/china-gathering-blood-dna-iris-massive-database-millions-muslim-province-746529 https://www.thenational.ae/world/asia/china-collects-dna-from-muslim-majority-population-in-xinjiang-1.684391 DNA digen nime? DNA diginimiz hayatliqning barliq alahidilikini konturul qilidighan madda bolup, hayatliqta bolidighan her qandaq tughma alahidilik, gen yeni DNA bilen munasiwetlik. Her bir insanning DNA side özgüche alahidilik bolidu, oxshimighan insanlarning DNA side o...

ئاخبارات توغۇرسىدا

Image
مېدىيا، ئاخبارات توغۇرسىدا مەمەت ئمىن مېدىيا دىگىنىمىز تەشۋىقات ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن قوللانغان ھەر خىل ۋاستىلەرنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئادەتتە گېزىت جورنال، تىلىۋىزىيە، ۋە ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، كەڭ جەھەتتىن بارلىق نەشىريات بويۇملىرىنى ۋە سىن فىلىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېدىيا دىگەن سۆز ۋاستە دىگەن مەنادىكى سۆز بولۇپ ئۇنى تەشۋىقات ئۈچۈن قوللىنىلغان ۋاستە يەنى  ئاخبارات دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. مېدىيا ياكى ئاخبارات نەزىريە بويىچە ئەيىتقانداق بىتەرەپلىك، ئادىل ۋە ئوتۇرا يول تۇتقان بولۇشى كىرەك، بىراق بەك ئەپسۇس ئەمىلىيەتتە مۇتلەق بىتەرەپلىك ۋە مۇتلەق ئادىل بولغان ئاخبارات يوق. مەن تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. دۇنيادىكى ئاخباراتلارنى ئۇنىڭ ئىخىزدى چىقىمىنىڭ كىلىش مەنبەسى، ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئوبىكتىغا قاراپ ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىرىنجىسى، ھۆكۈمەت مەبلەخ سالغان ئاخبارات. بۇ خىل ئاخباراتلار ئاساسلىقى ھەرقايسى دۆۋلەتلەردىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت مەبلەخ سالغان ...

Axbarat toghursida

Image
Mediya, axbarat toghursida Memet Emin Mediya diginimiz teshwiqat ilip birish üchün qollan'ghan her xil wastilerni közde tutidighan bolup, u adette gezit jornal, tiliwiziye, we her xil ijtimayi taratqularni öz ichige alsa, keng jehettin barliq neshiryat boyumlirini we sin filimlirinimu öz ichige alidu. Mediya digen söz waste digen menadiki söz bolup uni teshwiqat üchün qollinilghan waste yeni  axbarat dep atashqa bolidu.  Mediya yaki axbarat nezirye boyiche  eyitqandaq bitereplik, adil we otura yol tutqan bolushi kirek, biraq bek epsus emiliyette mutleq bitereplik we mutleq adil bolghan axbarat yoq.  Men töwende özümning bu jehettiki köz qarashlirini oturgha qoyup ötmekchimen. Dunyadiki axbaratlarni uning chiqimining kilish menbesi, igidarchiliq hoquqi we uning mulazimet qilish obiktigha qarap üch türge ayrishqa bolidu. Birinjisi, hökümet meblex salghan axbarat. Bu türdiki axbaratlar asasliqi herqaysi döwletler...

دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار

Image
دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار   مەمەت ئىمىن دۇنيادا تۇنجى قىتىملىق بالا ياتقۇسى يوق تۇغۇلپ، چوڭ بولغاندىن كىيىن بالا ياتقۇ ئالماشتۇرۇلغان ئايال، تۇنجى قىتىم ھامىلە بولۇپ، بۈگۈن  ئامركىدا تۇنجى قىتىم،بىر بالا  تۇغقان. بۇ بالا ياتقۇسى يوق تۇغۇلغان، ياكى ھەر خىل كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن بالا ياتقۇسى كىسىپ ئىلىۋىتىلگەن يۈز مىڭلارچە ئاياللارنىڭ ھامىلە بولۇش ۋە بالا تۇغۇشىغا ئۈمۈد ئىلىپ كىلىپ قالماستىن، بەلكى يىقىندا ئوتۇرغا قويۇلغان ئەسلى ئوغۇل بالا بولۇپ تۇغۇلۇپ، كىيىن قىز بالىغا ئۆزگەرگەنلەرنىڭمۇ ھامىلە بولۇش ۋە بالا تۇغۇش ئىھتىماللىقىنىڭ رىياللىققا ئايلىنىشىغا شەرىت شارايىت ھازىرلاپ بىرىشى مۈمكىن. http://time.com/5044565/exclusive-first-u-s-baby-born-after-a-uterus-transplant/ يىقىنقى بىر خەۋەردە ئەسلى ئوغۇل بالا بولۇپ تۇغۇلۇپ، كىيىن ئايالغا ئۆزگەرگەنلەرنىڭ كەلگۈسىدە ھامىلە بولۇش ۋە بالا تۇغۇش ئىھتىماللىقى بار دەپتۇ. http://www.newsweek.com/transgender-women-may-soon-have-babies-too-702271 ھەممىز بىلگەندەك ھامىلە بولۇش ۋە بالا تۇغۇش ئاياللارغا خاس ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ...

چۈش توغۇرسىدا

Image
چۈش توغۇرسىدا مەمەت ئىمىن چۈش، ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئىزدىنىش ئىلىپ بارغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ چۈش توغۇرسىدىكى ئىزدىنىشنىڭ  5000  يىللىدىن ئۇزۇن تارىخى بار. ئوخشىمىغان دىندىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ چۈشكە نىسبەتەن ئوخشىمىغان چۈشەنچە ۋە ئوخشىمىغان تەرىپلىرى بار. تارىختا چۈش توغۇرسىدا دىننىي، پەلسەپە ۋە روھى دۇنيا نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ئىزدىنىشلەر ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ،  ئۇ ئىزدىنىش ئىلىپ بارغانلار ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغانلىرى   سىگموند فىروھىد، ۆە كارىل جۇن قاتارلىق كىشىلەردۇر. Carl Jun    ، Sigmund Freud چۈشنى تەتقىق قىلىدىغان ھازىرقى زامان ئىلىمىنى ئىنگىلىزچىدە "Oneirology" دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، مەن تۆۋەندە پەقەتلا ھازىرقى زامان غەرىپ تىبابىتىدىن چىقىش قىلىپ، چۈش توغۇرسىدا ئازراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتمەكچىمەن. چۈش كۆرۈش بىز ئۇخلاۋاتقاندىكى مىڭە پالىيىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا شەكىللىنگەن سۈرئەت، ئاۋاز، ئىدىيە، تەپەككۇر، سىزىملەرنىڭ توپلىمىسىدۇر. ئۇ ئىختىيارىسىز بولىدۇ، شۇڭا چۈ...