ئاخبارات توغۇرسىدا

مېدىيا، ئاخبارات توغۇرسىدا

مەمەت ئمىن

مېدىيا دىگىنىمىز تەشۋىقات ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن قوللانغان ھەر خىل ۋاستىلەرنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئادەتتە گېزىت جورنال، تىلىۋىزىيە، ۋە ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، كەڭ جەھەتتىن بارلىق نەشىريات بويۇملىرىنى ۋە سىن فىلىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېدىيا دىگەن سۆز ۋاستە دىگەن مەنادىكى سۆز بولۇپ ئۇنى تەشۋىقات ئۈچۈن قوللىنىلغان ۋاستە يەنى  ئاخبارات دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.




مېدىيا ياكى ئاخبارات نەزىريە بويىچە ئەيىتقانداق بىتەرەپلىك، ئادىل ۋە ئوتۇرا يول تۇتقان بولۇشى كىرەك، بىراق بەك ئەپسۇس ئەمىلىيەتتە مۇتلەق بىتەرەپلىك ۋە مۇتلەق ئادىل بولغان ئاخبارات يوق.

مەن تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

دۇنيادىكى ئاخباراتلارنى ئۇنىڭ ئىخىزدى چىقىمىنىڭ كىلىش مەنبەسى، ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئوبىكتىغا قاراپ ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

بىرىنجىسى، ھۆكۈمەت مەبلەخ سالغان ئاخبارات. بۇ خىل ئاخباراتلار ئاساسلىقى ھەرقايسى دۆۋلەتلەردىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت مەبلەخ سالغان ئاخباراتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى شۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۆزىنىڭ مەنپەتىگە بىۋاستە تاقاشمايدىغان ھەرقانداق ئىشتا ئوتۇرلۇقنى ساقلاشقا، بىتەرەپ يول تۇتۇشقا ۋە ئادىل بولۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ خىلدىكى ئاخباراتلارنىڭ قانداق خەۋەرلەرنى ئىلان قىلىش، قانداق خەۋەرلەرنى  ئىلان قىلماسلىق، قانداق خەۋەرلەرنى گەۋدىلىك ئىلان قىلىش، قايسى خىلدىكى خەۋەرلەرنى نەزەرگە ئالماسلىق جەھەتتە مەيدانى شۇ دۆۋلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە باغلىق بولىدۇ. كۈچلۈك دۆۋلەتلەر ئۆزلىرى مەبلەخ سالغان بەزى ئاخباراتلارغا ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشىنى مەركەز قىلغاندىن باشقا كونكىرىت ئىشلاردا بەك قاتتىق تەلەپ قويمايدۇ، بىراق دىكتاتۇر دۆۋلەتلەر ۋە ياكى ھاكىمىيىتى كۈچلۈك بولمىغان دۆۋلەتلەر ئۆزلىرى مەبلەخ سالغان ئاخباراتلارغا نىسبەتەن قاتتىق كونتۇرۇل قىلىش سىياسىتى قوللىنىدۇ. ھەتتا ھەرقانداق خەۋەرگە نىسبەتەن تەستىقلاش تۈزىمى يولغا قويىدۇ.

ئىككىنجىسى،   ھەر خىل پارتىيە، تەشكىلات، گۇرۇخ ۋە مەززەپلەرگە تەۋە ئاخبارات. بۇ خىلدىكى ئاخباراتلارنىڭ مەخسىتى ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان گۇرپا ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۆزى ۋە رىقابەتچىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان ۋەقەلەردە ئامال بار بىتەرەپ بولۇشقا تىرىشىدۇ. نورمالدا ئۆزى ۋەكىللىق قىلغان گۇرپا تەرەپتە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىجابى تەرەپلىرىنى ئاساس قىلىپ، قارشى تەرەپنى بىسىپ تۇرۇپ ۋە ئۇلارنىڭ سەلبى تەرەپىنى مەركەزلىق قىلىپ خەۋەر ئىشلەيدۇ. ئۆزىگە پايدىسىز سەلبى ۋەقەلەرنى ياكى ئۆز مەنپەتىگە زىيان ئەكىلىدىغان ۋەقەلەرنى ئامال بار ئىلان قىلمايدۇ، ياكى پەدەزلەپ ئىلان قىلىدۇ. ئىجابى ۋەقەلەرنى نۇقتىلىق قىلىپ، ياكى كۆپتۈرۈپ ئىلان قىلىشقا تىرىشىدۇ. قارشى تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك سەلبى ۋەقەلەرنى ئامال بار كۆپتۈرۈپ ئىلان قىلىشقا تىرىشىدۇ، ئىجابى ۋەقەلەرنى ئامال بار خەۋەر قىلمايدۇ.

ئۈچۈنجى تۈردىكىسى مۇستەققىل ئاخبارات. بۇ خىل ئاخبارات ئاساسلىقى تىجارەت خاراكتىرلىك مەبلەخ سالغان پۇل ۋە ياكى ساخاۋەتچىلەر ئىئانە قىلغان پۇل بىلەن يۈرىشىدىغان ئاخبارات بولۇپ، ھازىرغا قەدەر نىسبەتەن ئەيىتقاندا ئەڭ بىتەرەپلىك ۋە ئادىل بولغان ئاخبارات ھىساپلىنىدۇ.

ئامىركىدىكى ئاخباراتلار ئىچىدە ئامىركا ئاۋازى  بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ھۆكۈمەت مەبلەخ سالغاندىن باشقا قالغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاخباراتلار ئۈچۈنجى تۈردىكى مۇستەققىل ئاخبارات بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى تىجارەت خارەكتىرىنى ئالغان، ئاز بىر قىسمى پۈتۈنلەي ئىئانە قىلغان پۇل بىلەن ماڭىدىغان ئاخبارات.

ئامىركا قاتارلىق دەموكىراتىك غەرىپ دۆۋلەتلىرىدە ئاخبارەت ئەركىنلىكى ناھايتى يۇقۇرى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاخباراتقا بولغان كونتۇرۇللىقى ناھايتى تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق ئاخبارات يەنىلا ئۆزى تەۋە دۆۋلەت ۋە رايۇنلاردا ئاساسى ئىقىمنى تەشكىل قىلغان ئىدىلوگىيە ۋە قىممەت قارىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. دەموكىراتىك غەرىپ دۆۋلەتلىرىدىكى ئاخباراتلار، نىسبەتەن ئەيىتقاندا تار ئىدىلوگىيە چەكلىمىسىدىن ھالقىپ چىققان، ئۆزىدىن باشقىلارغا بولغان دۈشمەنلىك كۆز قارىشى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۆز قىممەت قارىشىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ.

ئاخباراتلارنىڭ بىتەرەپلىك ياكى بىتەرەپلىك ئەمەسلىكى، ئادىللىق ياكى ئادىل ئەمەسلىكى تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

1. ئاخباراتقا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنىڭ يەنى ئاخباراتقا سىلىنغان مەبلەخ ئىگىلىرىنىڭ كىملەگە ۋەكىللىق قىلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىغا باغلىق. ئاخباراتقا مەبلەخ سالغۇچى ئاخباراتنىڭ خارەكتىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.
2. كەڭ ئوقۇرمەنلەر ۋە ئاخباراتنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ قۇۋەتلىگۈچىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشىغا باغلىق. مەلۇم دۆۋلەت ياكى رايۇندىكى كەڭ ئوقۇرمەن ياكى ئاخباراتنى ھەر جەھەتتىن قوللىغۇچىلار ئاخباراتنىڭ خارەكتىر ۋە يۆلىنىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئىختىزادى كىرىمنى ئاساسى مەخسەت قىلغان ئاخباراتلار،  ئوقۇرمەنلەردىن ئايرىلىپ قالسا، ئىئانە قىلغان پۇلغا تايىنىدىغان ئاخباراتلار ئۆزىنى ئىكتىزادى جەھەتتە قوللىغۇچىلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئاخبارات ئىختىزادى كىرزىسقا ئۇچۇراپ خىزمەتتىن توختىدى دىگەن گەپ.
3. باش مۇھەرىر ۋە تەھرىرلەرنىڭ كىمنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىق قىلىشىغا، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشىغا باغلىق. ئۇلارنىبگ ئاخباراتلاردا ئىلان قىلنىدىغان خەۋەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى مەلۇم داھىردە ئۆزگەرتىق ھوقۇقى بولۇپ، قايسى خەۋەرلەر مەركەزلىق قىلىپ ئىلان قىلىش، قايسى خەۋەرنى ئالدىن ئىلان قىلىش ۋە قايسى خەۋەرنى باستۇرۇپ قويۇشى مەلۇم جەھەتتە ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە قىممەت قارىشىغا باغلىق.
4. مۇخپىرلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىغا، مەسۇلىيەت تۇيغىسىغا ۋە قىممەت قارىشىغا باغلىق. مۇخپىرلار ئادەتتە نەخ مەيداننى بىۋاستە كۈزەتكۈچى، بىرىنجى قول ماتىريالغا ئىرىشكۈچى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۆزى كۆرگەن ۋەقەلىكنى قايسى نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تەسۋىرلىشى، خەۋەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزمۇنىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

Comments

Popular posts from this blog

Qoy chochqa

ئامىركىدا قانۇن قانداق ماقۇللىنىدۇ؟

Axbarat toghursida