دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار

 مەمەت ئىمىن
دۇنيادا تۇنجى قىتىملىق بالا ياتقۇسى يوق تۇغۇلپ، چوڭ بولغاندىن كىيىن بالا ياتقۇ ئالماشتۇرۇلغان ئايال، تۇنجى قىتىم ھامىلە بولۇپ، بۈگۈن  ئامركىدا تۇنجى قىتىم،بىر بالا  تۇغقان. بۇ بالا ياتقۇسى يوق تۇغۇلغان، ياكى ھەر خىل كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن بالا ياتقۇسى كىسىپ ئىلىۋىتىلگەن يۈز مىڭلارچە ئاياللارنىڭ ھامىلە بولۇش ۋە بالا تۇغۇشىغا ئۈمۈد ئىلىپ كىلىپ قالماستىن، بەلكى يىقىندا ئوتۇرغا قويۇلغان ئەسلى ئوغۇل بالا بولۇپ تۇغۇلۇپ، كىيىن قىز بالىغا ئۆزگەرگەنلەرنىڭمۇ ھامىلە بولۇش ۋە بالا تۇغۇش ئىھتىماللىقىنىڭ رىياللىققا ئايلىنىشىغا شەرىت شارايىت ھازىرلاپ بىرىشى مۈمكىن.
يىقىنقى بىر خەۋەردە ئەسلى ئوغۇل بالا بولۇپ تۇغۇلۇپ، كىيىن ئايالغا ئۆزگەرگەنلەرنىڭ كەلگۈسىدە ھامىلە بولۇش ۋە بالا تۇغۇش ئىھتىماللىقى بار دەپتۇ.
ھەممىز بىلگەندەك ھامىلە بولۇش ۋە بالا تۇغۇش ئاياللارغا خاس ئىش بولۇپ، ئۇنىڭلىق ئۈچۈن بالا ياتقۇ بولغاندىن باشقا، تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىدىغان تۇخۇمدان، ھەيىز ۋە ھەر خىل فىزىلوگىيەلىك ئۆزگۇرۇشلىرىنى كونتۇرۇل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ھورمۇنلار بولۇش كىرەك. بالا ياتقۇ ئالماشتۇرۇلدى دىسەك، كىرەكلىك تۇخۇمنى باشقا ئاياللار ھەدىيە قىلدى دىسەك، كىرەكلىك بولغان ھەر خىل ھورمۇنلارنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا توغۇرا كىلىدۇ. ئۇنداق بولغاندا بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھامىلە بولۇپ تۇغۇلغان بالا ساغلام بىر بالا بولالامدۇ، ھازىرچە بىزگە نەمەلۇم.
ئەسلى قىز بالا بولۇپ تۇغۇلۇپ، كىيىن ئەرگە ئۆزگەرگەنلەرنىڭ ھامىلە بولۇپ،  بالا تۇغقانلار بار. ئۇنى ئەرلەرنىڭ ھامىلە بولىشى دەپ خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھامىلە بولۇپ بالا تۇغقان "ئەرلەر"، پەقەتلا سىرىتقى شەكلىنى ئەرگە ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، بىراق ئەسلى تەبىئې ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار يەنىلا ئايال ھىساپلىنىدۇ.
بىز بىرەر ئىش توغۇرسىدا مۇنازىرە قىلغاندا، ئىلىم - بىلىمنى ۋە ئىنسانلارنىڭ مەلۇم شەيى ۋە ھادىسىگە بولغان قارىشىنى پەننى ۋە دىننىي دەپ ئىككىگە ئايرىمىز. ئەمىلىيەتتە ئەگەر بىز پۈتۈن كايىناتنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بەرپا قىلغانلىقىغا ئىشەنسەك، ئاللاھ ياراتقان قانۇنىيەتنىڭ ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان قۇدىرەت داھىرسىدىن ھالقىپ چىقىپ كەتكەن ئىلىم- بىلىم بولمايدۇ. ھەرقانداق پەننى ۋە دىننىي ئالىم ئۈگەنگەن ئىلىم بىلىملارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىزنىڭ ئىگەللىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئاتا قىلغان كايىناتنىڭ سىرلىرىدۇر.
ئىنسانلار ھەرقانداق موجىزە ياراتقاندا، تەببى قانۇنيەتتىن يەنى ئاللاھنىڭ قانۇنيىتىدىن ھالقىپ چىقالمايدۇ. ئەگەر ئىنسانلار بىرەر ئىشتا ۋە ياكى مۆجىزە يارىتىشتا مەغلۇپ بولغان بولسا، ئۇنىڭ پەقەتلا ئىككى خىل سەۋەبى بولىشى مۈمكىن، بىرى ئىنسانلار ئۇ ئىشنىڭ قانۇنيىتىنى تىخى تولۇق ئىگەللىمىگەنلىكتىن، يەنە بىر بۇ قىلماقچى بولغان ئىش ياكى ياراتماقچى بولغان مۆجىزە تەبىيەتنىڭ قانۇنىغا يەنى ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن.
ئەگەر كەلگۇسىدە ئەسلى ئوغۇل بالا بولۇپ تۇغۇلغانلار ئوپىراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئايالغا ئۆزگەرگەندىن كىيىن، بالا ياتقۇ ئالماشتۇرلۇپ، ھامىلە بولسا ۋە بالا تۇغسا، ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن بىرى بوي سۇنۇپ كىلىۋاتقان تەببىي كۆپىيىش قانۇنيەتى تۇنجى قىتىم ئۆزگەرتىلگەن بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئىش بولسا، بۇ تەببىي قانۇنيەتكە يەنى ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغان بولامدۇ يوق؟ مىنىڭچە ئۇيغۇن بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئەنسان ئاللاھنىڭ قانۇنيىتىدىن ھالقىپ چىقىپ كىتەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىسا، ئۇنداق ئىشنىڭ بولىشى مۈمكىن ئەمەس.

Comments

Popular posts from this blog

ئايال ھامىلە مەزگىلىدە يەنە ھامىلە بولامدۇ؟

Amirkida qanun qandaq maqullinidu?

Axbarat toghursida